«گېرمان مارشال فوند جەمئىيىتى» (GMF) نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 14-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ئىستراتېگىيە گېرمانىيە ئۈچۈن ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارنى تونۇپ يېتىش ھەمدە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشتىكى تۇنجى قەدەم، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەدە گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە دائىر كۆپلىگەن خىرىسلار، جۈملىدىن ئېنېرگىيە مەنبەسى، تېررورلۇق، تور جاسۇسلۇقى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇن ئالغان. ئەمما ئىستراتېگىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بۇلارنى ھەل قىلىشتىكى كونكرېت چارىلەر ئانچە كۆپ سالماقنى ئىگىلىمىگەن. سىياسىي ئانالىزچى جېكسون جېينىس (Jackson Janes) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ ئىستراتېگىيە قانداقلا بولمىسۇن، گېرمانىيە ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق تونۇش، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ۋە قابىلىيىتىنى قايسى جەھەتلەردە جارى قىلدۇرۇشنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى» دېگەن.
بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەدە گېرمانىيەنىڭمۇ خۇددى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقە دائىرىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان تەرزدە خىتاي بىلەن بولىدىغان تۈرلۈك مۇناسىۋەت يوللىرىنى قايتىدىن دەڭسەپ كۆرۈشى، شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى بۇ خىل ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئاتلىنىشى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە ئىزچىل تۈردە خىتاي ئۈچۈن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ مال ئېكسپورت بازىرى، خىتاي بولسا گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇۋاتقاندا، بۇنداق بىر قارارنىڭ ئېلىنىشى، ھەر ساھەنىڭ تۈرلۈك ئىنكاسىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.