«گېرمانىيە-فىرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق قانۇن مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن خىتاي پائالىيەتچى ۋاڭ شاۋلىڭنىڭ مۇكاپاتى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تارقىتىپ بېرىلگەن. ۋاڭ شاۋلىڭ بۇ يىللىق گېرمانىيە-فىرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق قانۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئۇنىڭ بېرلىنغا بېرىپ، مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا كاشىلا چىقارغاچقا، ئۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مايكېل كلائۇس بىلەن فىرانسىيە ئەلچىسى مورىس گوردائۇت مونتېگنى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ۋاڭ شاۋلىڭنىڭ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. مۇراسىم فىرانسىيە ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قاتناشقان.
بۇ مۇكاپات ۋاڭ شاۋلىڭنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان 709 نەپەر ئادۋوكات، پائالىيەتچى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقىغا بېرىلگەن. ۋاڭ شاۋلىڭ مۇراسىمدا، بۇ مۇكاپات قولغا ئېلىنغان 709 نەپەر ئادۋوكات، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات، پائالىيەتچىلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى مەملىكەت خاراكتېرلىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلغان، قولغا ئالغان ۋە نەزەربەند قىلغان ئىدى.