گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئىلھام توختى مەسىلسىنى داۋاملىق تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرلىقلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە ھەم شۇنداقلا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

22-مارت كۈنى، گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بۇ چاقىرىق مەكتۇبىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ ئاسىيا، ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرق ۋە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە مەسئۇل بۆلۈمى باشلىقى جەن بىتتنېرنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا يەنە مۇنداق دىيىلگەن : « بىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىمىزدا ۋە خەلقئارادىكى باشقا ئۇچرىشىشلىرىمىزدا تىلغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. 14-مارت كۈنى، جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن تەييارلانغان رەسمىي دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق»

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتىگە يوللىغان مەكتۇبىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ 2016- يىلىدىن بېرى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنغان ئىدى.