گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزەك (چىپ) سېتىۋېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان
2022.11.09
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ بىر شىركىتىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۆزەك ياساش زاۋۇتىنى سېتىۋېلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.
«سىياسەتچى» (Plitico) تورىنىڭ 9-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنستىرى روبېرت ھابېك (Robert Habeck) خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئۆزەك زاۋۇتىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويمىغان. روبېرت ھابېك مۇنداق دېگەن: «بىز ياۋوپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولمىغان دۆلەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى گېرمانىيەدە سودا قىلىشتىن چەكلىدۇق، بۇنىڭدىكى سەۋەب، گېرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى، شۇنداقلا ھالقىلىق كەسىپلەرنى قوغداش».
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بىر مىكرو ئېلېكترون شىركىتى گېرمانىيەنىڭ ئۆزەك ياسايدىغان Elmos شىركىتىنى 85 مىليون ياۋروغا سېتىۋالماقچى بولغان. Elmos شىركىتى گېرمانىيەدىكى ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ئۆزەك ئىشلەيدىغان كىچىك شىركەت بولۇپ، خىتاي ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئۆزەك ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا ئايلاندۇرماقچى بولغان.
گېرمانىيە يەنە خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى باۋارىيەگە جايلاشقان ERS ئېلېكترون شىركىتىنى سېتىۋېلىشتىن چەكلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ چەكلىمىلەر گېرمانىيە باش مىنىستىرى شۇلىز ئالدىنقى ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، شۇلىزنىڭ بۇ زىيارىتىدىن ئاۋۋال گېرمانىيە ھامبۇرگ پورتىنىڭ 25 پىرسەنت پېيىنى خىتايغا سېتىپ بەرگەنىدى.