گېرمانىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان

ھىندىستاندا چىقىدىغان «مەتبۇئات» (The Print) تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى 30-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. بۇ يىغىن ئېچىلىشنىڭ ئالدىدا ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ يىغىنغا تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، يازغۇچى ئالېكساندىرا كاۋېليۇس (Alexandra Caveilius)، لاگېر شاھىدى سايراگۇل ساۋۇتباي قاتارلىقلار قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرمىلەردىكى قىيىن-قىستاق، دىنىي چەكلىمە، مەدەنىيەت يوقىتىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن سودا ھەمكارلىقى تۈپەيلىدىن گېرمانىيە ئۇيغۇر مەسىلسىدە نىسبەتەن پاسسىپ ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرغان تارماق زاۋۇتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئەيىبلىنىپ كەلگەنىدى. گېرمانىيە ناتسىست گېرمانىيەسى دەۋرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈن شۇ قىسمەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپرەك ئاۋاز چىقىرىشى، خىتايغا بېسىم قىلىشى كېرەك ئىكەن.