گېرمانىيەلىك بىر ئاپتوبۇس شوپۇرى يۈزىنى ئورىغان مۇسۇلمان يولۇچىنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلماقچى.
گېرمانىيەدىن چىقىدىغان «لوكال» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھادىسە گېرمانىيەنىڭ نىدېرساكسىن ئۆلكىسى ئەمدەن شەھىرىدە يېقىندا يۈز بەرگەن.
ئۆلكىلىك ساقچى باياناتچىسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر مەزكۇر ئاپتوبۇس شوپۇرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بەلكىم ئۇنىڭغا 10 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئاپتوبۇسقا چىقىرىلمىغان مۇسۇلمان ئايال ئېغىرئاياغ بولۇپ، ئۇ، ھىجاب كىيگەندىن باشقا يۈزىگىمۇ نىقاب تارتقا ئىكەن. كېيىن يولۇچى ئايالنىڭ ئېرى شوپۇر ئۈستىدىن ساقچىغا ئەرز سۇنغان.
نۆۋەتتە ئەمدەن شەھەر دائىرىلىرى مەزكۇر شوپۇرىنى ياللىغان شىركەت بىلەن ئالاقە قىلغان بولۇپ، شىركەت شوپۇرىنىڭ مۇسۇلمان ئايالنى ئېلىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق يەرلىك تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەن ئالغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئەمدەن شەھىرىنىڭ خادىمى تەممو پوپپېنگنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ ھەمدە بۇنداق ئىشلار قەتئىي يۈز بەرمەسلىكى كېرەك.»
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئەللىرىدە مۇسۇلمان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشكە ئەگىشىپ، بۇ دۆلەتلەردە مۇسۇلمانلارغا يامان كۆزدە قاراش خاھىشلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن يىلى دېكابىر بېرلىندا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ تۇنىستىن كەلگەن بىر پاناھلىق تىلىگۈچى مسۇلمان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىمۇ گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارغا بولغان سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى.
ھالبۇكى، گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنىشى چەكلەنگەن ئەمەس.
كۆزەتكۈچلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ھادىسە گەرچە ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ھەقىقىي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەردە ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «قانۇن پۇقرالارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى بوغۇشنى ئەمەس، بەلكى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك. گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن بۇ كىچىككىنە بىر ۋەقە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش بارلىق ھوقۇقلىرى قاتمۇقات چەكلىنىۋاتقان خەقلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ئەلۋەتتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا ۋەتىنىدە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا.»
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەپلا قالماي، دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنىمۇ «جىنايەت» قاتارىغا كىرگۈزگەن ۋە دىنىي يوسۇندا كېيىنگە كىشىلەرنى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن توسقاننىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، دوختۇرخانا ۋە كۇتۇپخانىلارغا كىرىشىنىمۇ مەنئى قىلغان ئىدى.