شۇ جاي ۋاقتى 18-ئىيۇل كەچتە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسىدە بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم يارىلانغان، ئەسلى ئافغانىستان نەسلىدىن بولغان ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان. ئىسلام دۆلىتى-دائىش ھۇجۇمدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۆۋەن فرانكونىيا رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى فلورىيان ھۇمملېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم ۋۈرزبۇرگ شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان پويىزدا يۈز بەرگەن. ھۇجۇمچى پالتا ۋە پىچاق بىلەن قوراللانغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 3 ئادەم ئېغىر دەرىجىدە، 1 ئادەم يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمدىن كېيىن، بىر يولۇچى پويىزنىڭ جىددىي توختىتىش تورمۇزىنى تارتقان، پويىز ۋۈرزبۇرگنىڭ ھېيدىنگسفېلد رايونىدا توختىغان. ھۇجۇمچى پويىزدىن سەكرەپ قاچقان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى كوچىدا كېتىۋاتقان يەنە بىر ئايالنى يارىلاندۇرغان.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن ھۇجۇمچى ئەسلى ئافغانىستاندىن 2015-يىلى 30-ئىيۇن گېرمانىيەگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ۋە گېرمانىيە جەمئىيىتىگە ياخشى ماسلاشقاندەك كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈن، بىر يەرلىك ئائىلىگە بېقىشقا تاپشۇرۇلغان ئىكەن.
ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، دائىش بۇ ھۇجۇمچىنىڭ پىچاق ئوينىتىپ تۇرۇپ باشقىلارغا «بۇ كاپىرلارنى ئۆزۈڭلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ چاقىرىق قىلىۋاتقانلىقى سۈرەتلەنگەن بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلغان.
ساقچى دائىرىلىرى بۇ ۋىدېئونىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىن قولدا سىزىلغان بىر دائىش بايرىقى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پويىزدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان 4 ئادەم خوڭكوڭدىن كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن. ھۇجۇمدىن كېيىن خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ جېنيىڭ بايانات ئېلان قىلىپ ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر ھۇجۇم فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا مەيدانغا كەلدى.
12-ئىيۇل فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرىدە بىر تۇنىسلىق كۆچمەن يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، 84 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغان. بۇ ھۇجۇمنىمۇ دائىش ئۈستىگە ئالغان ئىدى.