گېرمانىيە ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن


گېرمانىيە ئۆزبېكىستاندىكى تەرمىز ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى گېرمانىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى باش ئەلچىسى نېيسخارت ھوفېر ۋىسسىڭ 30 - يانۋار بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە بىرلەشمە قوشۇن ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى ئۆزبېك ھۆكۈمىتىدىن ئىجارىگە ئالغان تەرمىز بازىسىنى داۋام ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغان چېگراسىغا يېقىن جايلاشقان تەرمىز ھەربىي بازىسىنى NATO قوشۇنلىرى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلەتكەن ئىدى.

NATO ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئاياغلاشتۇرغان، ئەمما خەۋپسىزلىك مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاندا ھەربىي مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسى ئۈچۈن 12 مىڭ 50 كىشىلىك قوشۇن قالدۇرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيىنىڭ ئافغانىستاندا 850 كىشىلىك قوشۇنى بار بولۇپ، گېرمانىيە مەزكۇر بازىنى ئەسكەرلىرىگە ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزىدۇ ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.