گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈپتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن
2023.01.12
گېرمانىيە باش مىنىستىر ئولاف شۇلزنىڭ پارتىيەسى بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى لارس كىلىڭبېل (Lars Klingbeil) يېقىنقى بىر سۆزىدە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۈپتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن، دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 11-يانۋار چارشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ «ۋاقىت» (Die Zeit) گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئەتە ياكى ئۇنىڭمۇ ئەتىسى ياكى 10 يىلدىن كېيىن، خىتاي ئۆز چىگرالىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا، بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز خۇددى رۇسىيە بىلەن بولغاندەك تۈپتىن ئۆزگىرىشى مۇمكىن.»
كىلىڭبىل سۆزىدە يەنە گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى تەڭشىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە «گېرمانىيە چوقۇم خىتايدىن ئايرىلىشنى كۈچەيتىشى، باشقا بازارلارنى ئېچىشى ۋە خام ئەشيا سودىسى ئۈچۈن باشقا شېرىكلەرنى تېپىشى كېرەك. بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بىزگە چوڭ ساۋاق بولۇشى كېرەك» دېگەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە ئىقتىسادىي تايىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىغان يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بېرلىننىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى پىلانى گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتاي سىياسىتى دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئانگېلا مەركېل دەۋرىدە خىتاي گېرمانىيەنىڭ ئەڭ زور تىجارەت شېرىكىگە ئايلانغان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيە سىياسىيونلىرى ۋە سودا رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئاسىيا بىلەن بولغان سودىدا كۆپ خىللىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار كۆپەيمەكتىكەن.