گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا نىسبەتەن «قاتتىق» مەيدانغا ئۆتمەكتە

يىللاردىن بېرى خىتايغا نىسبەتەن «يۇمشاق» مەۋقەدە بولۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بۇ ئەندىزىگە خاتىمە بېرىپ، خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ قاتتىق مەيدانغا ئۆتۈۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا.

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) نىڭ 12-فېۋرالدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى يېقىندا باشقا مىنىستىرلىكلەرگە ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ئۇلارنى خىتاينى «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ تونۇشقا دەۋەت قىلغان. ئولاف شۇلز ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بۇ ئومۇمىي ئىستراتېگىيە سابىق باش مىنىستىر ئانجېلا مېركېل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «قارشىلاشماسلىق» ئىستراتېگىيەسىدىن زور دەرىجىدە پەرق قىلىدىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل يېڭى مەيدانى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە لاگېر سىستېمىسى، تەيۋەن بوغۇزى مەسىلىسى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق مەۋقەگە ئۆتۈشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەۋقەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئۆزگىرىشكە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئىكەن. گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىرنەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بولسىمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرى خىتاي بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى سىستېمىلىق رىقابەتنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولالىدى» دېگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلشىىچە، ئانجېلا ماركېل باش مىنىستىر بولغان 16 يىل جەريانىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل «خىتاي بىلەن قارشىلاشماسلىق» مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب ئىقتىساد ئامىلى بولۇپ، خىتاي ئىزچىل تۈردە گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى ئېكىسپورت بازىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان ھەر ئۈچ ئاپتوموبىلنىڭ بىرى خىتايدا سېتىلغان. 2021-يىلى گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكىسپورت سودىسىنىڭ قىممىتى 114 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى مەۋقەسى ئۇلارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئۆز ۋەكىللىرىنى ئەۋەتمەسلىكىدىمۇ ئەكس ئەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھىندىستان ۋە ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتىمۇ ھەمكارلىق يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭماقتا ئىكەن.