كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گېرمانىيىنى خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.05.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سۆھبىتى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى سۆھبەتنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئوچۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

تەشكىلات باياناتىدا، گېرمانىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ھەر يىلى دېگۈدەك «كىشىلىك ھوقۇق» ۋە «دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقىمۇ يول قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
‏-گېرمانىيە ئەگەر بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئازراق بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشىمەن دېسە، چوقۇم ئالدى بىلەن سۆھبەتكە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇشى، سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى، پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاخباراتقا بىرمۇ-بىر ئاشكارىلىشى كېرەك. گېرمانىيە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە خىتاي خەلقىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى كېرەك.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان خىتايدا پۇقرالارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقى، ئۇچۇر-ئاخبارات، پىكىر ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ھەسسىلەپ ناچارلاپ كەتكەنلىكىنى، تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىست، يازغۇچى، ئۆكتىچىلەرگە ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرى سانىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.