گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي بىلەن بولغان توقۇنۇش خەۋپى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانالىنا بائېربوك (Annalena Baerbock) 28-سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى مۇنازىرە قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن توقۇنۇش يۈز بېرىش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئانالىنا بائېربوكنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي تەدرىجىي ھالدا سىستېمىلىق بىر رەقىبكە ئايلانماقتا ئىكەن. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئانالىنا بائېربوك مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھەم ھەمكارلىق شېرىكى ھەم رىقابەتلىشىش رەقىبى بولسىمۇ، لېكىن ھەممىدىن يامىنى ئۇ تەدرىجىي ھالدا بىر سىستېمىلىق رەقىبكە ئايلانماقتا. بىز بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز، بولۇپمۇ بۇ خىل ئۆزگىرىشكە تېخىمۇ كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.

ئانالىنا بائېربوكنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدا يېقىندىن بېرى دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىشلار يۈز بەرگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ياكى كۆزدىن غايىب قىلىنغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ دۆلەت ئېغىر ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىگە پېتىپ قالدى. ياشلاردىكى ئىشسىزلىق كۈنسېرى كۈچەيدى» . ئانالىنا بائېربوكنىڭ ئېيتىشىچە، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئۆزئارا يېقىنلىشىش دۇنيانى بىر ئاز تەسەللى تاپقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەششار ئەسەدنى قوللىشى، تالىبانلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ، خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دۆلەت خەرىتىسىدە پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىز خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق تېررىتورىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىنغانلىقى، بۇنىڭ «باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن توقۇنۇشىنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقى» نى ئېيتقان.

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئايدا ئۆزىنىڭ «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «قايتا شەرھلىگەنلىكى» نى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلمىشىنى تەنقىدلەشنىڭ «كۆرۈنەرلىك يۇمشىتىلغانلىقى» نى ئەيىبلىگەن ئىدى. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانالىنا بائېربوك 28-سېنتەبىر پارلامېنتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مۇكەممەل بىلەن رامكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان. گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە خىتاي «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.