گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى راھىلە داۋۇت ھەققىدە باياناتنامە ئېلان قىلغان

گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان راھىلە داۋۇت ھەققىدە باياناتنامە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدەك بىر تەتقىقاتچىنىڭ ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ناھەق قارىلاش ۋە بىر مىللەتنىڭ ئىلىم ساھەسىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە راھىلە داۋۇت ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان.

باياناتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «راھىلە داۋۇت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن 6 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدە تۇتۇلغان يۈزلىگەن زىيالىيلاردىن بىرى. ئىلىم ساھەسىدىكى ئەركىنلىككە قارشى يۈرگۈزۈلگەن بۇ باستۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق نەرسە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەركىنلىكتۇر. خىتايدا بۇنداق ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس».

باياناتنامىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتىگە ئوخشاش چەت ئەللەردىكى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ئورگانلىرىنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكى، ئىلىم ساھەسىدىكى ئەركىنلىككە يول قويمىغانلىقى، تەتقىقاتچىلارغا تەھدىت سالغانلىقى ۋە خىتايغا كىرگۈزمىگەنلىكى قاتارلىق قىلمىشلىرى ئەيىبلەنگەن ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن ئەركىنلىك، ئادالەتنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئامېرىكا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىز بۇ باياناتنامە ھەققىدە X (ئىلگىرىكى تىۋىتتېر) دە ئۇچۇر يوللاپ: «گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى راھىلە داۋۇتنى قوللاپ بايانات بېرىپتۇ. بۇ باياناتتا، شىنجاڭنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان ئىككى گېرمانىيەلىك خىتايشۇناس ئاز-تولا بولسىمۇ تەنقىدلىنىپتۇ. دېمەككى، خىتايشۇناسلار بۇ جەھەتتىكى ئاممىۋى رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك» دېگەن.