گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھۇشيار بولۇشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.10.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«ياخۇ خەۋەر تورى» نىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايربوك (Annalena Baerbock) گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «بىز ئەمدى رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىمىزدە كۆرۈلگەن سەۋەنلىكنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىمىزدا قايتا كۆرۈلۈشىدىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز لازىم» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتىن بۇرۇنلا بىر قىسىم سىياسىيونلار ياۋروپانىڭ، جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدا رۇسىيەگە تايىنىپ قېلىشىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارغا قۇلاق سالمىغانلىقتىن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىردىنلا «ئېنېرگىيە كىرىزىسى» غا پېتىپ قالغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم گېرمانىيەنى زور بىر كىرىزىسكە پاتۇرۇپ قويۇشىدىن ھۇشيار بولۇشنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتىكى شۇلىز (Scholz) ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى تېخىمۇ كۆپ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تەسىر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.