گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 9 نەپەر جۇڭگولۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۆكتىچىسىنى قوبۇل قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆرۈشۈش پەيشەنبە كۈنى كەچتە گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
يۇقىرىقى ئەمەلدار ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، مېركېلنىڭ 9 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى، يازغۇچى، مىكرو بلوگچى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مېركېلغا «خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغان 2012-يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ كەتتى» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ 29-ئۆكتەبىر باشلانغان ئىككى كۈنلۈك خىتاي زىيارىتى سودا-ئىقتىسادنى ئاساسى نۇقتا قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ 1-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» مېركېلنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامېرون بىلەن زور سېلىشتۇرما بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مېركېل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلغان شۇ كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.