گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرىنى بەلگىلەيدىغان خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان. بىر قانچە ئايدىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئومۇمىي خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى بەلگىلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
13-ئىيۇل كۈنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ۋە خىتاينىڭ سىياسىي قارارىنىڭ نەتىجىسىدە بىزمۇ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك».
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، يېڭى ئىستراتېگىيەدە خىتاي «سىستېمىلىق رەقىب» دەپ ئاتالغان. بۇ 64 بەتلىك ئىستراتېگىيە ھۆججىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھەمدە تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئەندىشىسىدىن كېيىن خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىش تەقەززاسى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانىكەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تىۋىتتېردا قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز بېيجىڭدىن ئايرىلىش ئەمەس. ئەمما خىتايغا بولغان ھالقىلىق بېقىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان» دېگەن.