گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى «يېرىق» لار كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىققان خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ شۇ كۈنى بېرلىن شەھىرىدە گېرمانىيە رەھبىرى ئولاف شۇلتز (Olaf Scholz) بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاننىڭ ئەتىسىگە توغرا كېلىشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

لى چياڭنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئىزچىل شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ خاراكتېرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن باشقىچىرەك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم گېرمانىيە رەھبەرلىرى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان مەسىلىلەر، جۈملىدىن خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىك ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملار ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە بەزى «يېرىق» لارنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە رۇسىيەنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىشى گېرمانىيە تەۋەسىدە زور بىر نارازىلىققا زېمىن ھازىرلاۋاتقان بولۇپ، بېرلىن شەھىرىدىكى مېركاتور ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى باربارا پونگراتز (Barbara Pongratz) «ھازىر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىگە چەك قويۇشنى جىددىي ئويلاشماقتا» دېگەن.

«ئەل جەزىرە»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تېخى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلمىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە خىتاينى «شېرىك»، «رىقابەتچى» ياكى «ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» دەپ ئاتاش ئومۇملىشىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» دەپ تونۇش كۆپ سالماقنى ئىگىلەشنى باشلىغان. نۆۋەتتە خىتاي ئىزچىل تۈردە گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، 2022-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا مىقدارى 300 مىليارد ياۋرو (320 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) دىن ئاشقان.