گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى سۈركىلىشلەر كۆرۈلمەكتە

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى پاترىسىيا فلور (Patricia Flor) نى چاقىرتىپ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بېربوك (Annalena Baerbock) نىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا خانىم ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا «فوكس خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «بۇ ئۇرۇشتا ئۇكرائىنا يېڭىشى كېرەك. چۈنكى دىكتاتورلار ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە غەلىبە ساھىبى بولۇشى لازىم» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى غەرب دۇنياسىنى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقە ئىشلىرىدا ئويلىشىپ ئىش كۆرۈشكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما گېرمانىيە بۇ جەھەتتە ئەڭ پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان غايەت زور قىممەتتىكى سودا مۇناسىۋىتى، جۈملىدىن گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى خىتاي بولۇشتەك رېئاللىق بۇنىڭدىكى ئاساسلىق توسقۇنلۇق، دەپ قارىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزچىل خىتاي بىلەن قويۇق دوستلۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ كېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بولۇپ قالغان.

دەرۋەقە، چەت ئەل سىياسىيونلىرىنىڭ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىشى كۆپ قېتىم مەلۇم بولغان ھادىسىدۇر. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ شى جىنپىڭنى «دىكتاتور» دەپ ئاتىغان، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدى.