«رويتېرس ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2021-يىل گېرمانىيە فېدېراتىپ كارتوگرافىيە (خەرىتە ياكى چېرتيوژ سىزىش) ئىشخانىسى دۇچ كەلگەن تور ھۇجۇمىغا خىتاينىڭ ئارقا سەپتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە بېيجىڭنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىشى سەۋەبىدىن ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. گېرمانىيە بۇ قېتىم ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، فىلىپپىن ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن كېيىن خىتاينى تور جاسۇسلۇقى بىلەن ئەيىبلىگەن ئەڭ يېڭى دۆلەت بولۇپ قالغان.
خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلىپ «بۇ خىتايغا قارشى سىياسىي ئويۇن» دېگەن. ئۇلار 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە قانداقتۇر گېرمانىيە فېدېراتىپ كارتوگرافىيە ئىشخانىسىغا تور ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئاساسسىز ھالدا خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ئەيىبلىدى. خىتاي بۇنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە گېرمانىيە بىلەن بۇ ئىشنى سۆزلىشىدۇ».
خىتاينىڭ ئىلگىرىمۇ بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ تور ھۇجۇمىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، بۇ تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.