ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيەلىك ئىككى خىتايشۇناسنىڭ ماقالىسى گېرمانىيەدە داۋاملىق مۇنازىرە قوزغىماقتا

يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيەلىك ئىككى خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسىنىڭ زىيارەتتىن كېيىن «زۇرىخ ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى گېرمانىيەدە داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنماقتا. توماس ھېبېرېر ۋە ھېلۋىگ شمىد گلىنزېر ئىسىملىك بۇ ئىككى خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن «زۇرىخ ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ «شىنجاڭدىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋر» ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنىڭ «نورماللاشقانلىقى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رايوندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگونى بىكار قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 25-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ ئىككى خىتايشۇناسنىڭ ماقالىسى گېرمانىيەدە داۋاملىق مۇنازىرە قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، «جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى كاي ستىرىتماتېر (Kai Strittmatter ) 24-سېنتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، توماس ھېبېرېر ۋە ھېلۋىگ شمىد گلىنزېرنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. كاي ستىرىتماتېر، بۇ ئىككى خىتايشۇناسنىڭ ۋەزىيەتكە قارىتا ھېچقانداق گۇمان ياكى ئانالىز ئېلىپ بارمايلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى «نىسپىيلەشتۈرگەنلىكى» نى، ئۇلارنىڭ «كەسپىي پىرىنسىپسىزلىقى » ۋە «خىجالەت قىلارلىق دەرىجىدىكى ساددىلىقى» دەپ ئەيىبلىگەن. «جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتى يەنە ئاۋسترالىيەلىك خىتايشۇناس گېرېمى بارمېنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئالاقە قانىلىنى ئوچۇق تۇتۇش» نامىدىكى بۇ خىل زىيارەتلەرنىڭ «ئەمەلىيەتتە ئىلمىي تەتقىقات سەمىمىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى» نى كۆرسەتكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيە ۋۈرسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتايشۇناس پىروفېسسورى بيورېن ئالپېرمان ( Bjorn Alpermann )« خىتاي مۇنبىرى» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇ ۋەقەنىڭ گېرمانىيەدىكى خىتايشۇناسلىق ئىلمىي ئوقۇتۇشىغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بيورېن ئالپېرماننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايغا بېرىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاينى تەتقىق قىلغۇچى مۇتلەق كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان مۇرەسسەنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن.