بۇ يىللىق نيۇ-يورك خەلقئارالىق مېدىئا فېستىۋالىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 5- ئىيۇل غايىبلىرى ھەققىدە ئىشلىگەن چاتما خەۋىرى ھەل قىلغۇچ تاللاش ئۆتكىلىگە كىردى.
ئەگەر، ئۇيغۇر بۆلۈمى خەۋىرى ئاخىرقى ئۆتكەلدىن ئۆتەلىسە ئالتۇن، كۈمۈش، ياكى مىس مېدالغا ئېرىشىشى مۇمكىن.
رادىئومىز 2011- يىلدىن بۇيان 2009- يىلدىكى «5- ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ھەققىدە يۈرۈشلۈك خەۋەر ئىشلەشنى باشلىغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەردىن 40 قا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى.
بۇ يۈرۈشلۈك خەۋەر نيۇ-يورك خەلقئارالىق مېدىئا فېستىۋالىغا «يوقلانغان، ئەمما ئۇنتۇلمىغان: غايىب بولغان ئۇيغۇرلارغا ئادالەت ئىزدەلمەكتە» تېمىسى بىلەن قاتناشتۇرۇلغان.
بۇ يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر ئىشلەپ كەلمەكتە ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى بۇندىن ئىلگىرىمۇ ئىككى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.