ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايىب بولۇۋاتقان زىيالىيلار داۋاملىق دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.05.21

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ساھەلەرنىڭ بىرى مائارىپ دۇنياسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ساھەدە كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان زىيالىيلىرى تۈركۈملەپ قولغا ئېلىنغان ۋە ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى. ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ بىرى ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىس راھىلە داۋۇت ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان رەسمىي ھۆججەتلەردە راھىلە داۋۇتقا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ يىللارچە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى. يېقىندا «مالىيە ۋاقتى» گېزىتى ئىشلىگەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەردە راھىلە داۋۇتنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ يېشى 80 دىن ئېشىپ قالغانلىقىغا قارىماي تۈرمىگە بېرىپ قىزىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن راھىلەنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ خىتايدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىشى، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن ئەتكەن تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق تاماملىغان نورمال تەتقىقاتلىرى، دادىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارتىيە سېكرېتارى بولۇپ خىزمەت قىلىشى دېگەنلەر ئۇنىڭ قاباھەتلىك تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. چۈنكى ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقاد ساھەسىگە مەنسۇپ ئەنئەنىلەر ئۇنتۇلۇش ياكى باستۇرۇشقا ئەمەس، ئەكسىچە ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا تېگىشلىك» دېگەن مەزمۇندىكى پىكىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولۇپ قالغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 2017-يىلى راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنغانچە ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، راھىلە داۋۇتنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. ئەكسىچە بۇ ھال ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان 70 يىللىق خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسى يەتتە پىرسەنتكىمۇ بارمايدىغان خىتايلار ھازىر رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا 45 پىرسەنتنى ئىگىلەپ بولغان بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايدىكى كونتروللۇق تەدبىرلىرى ئىزچىل يۇقىرىغا ئۆرلەش شەكلىدە داۋام قىلغان. بۇ جەرياندا يەرلىكتىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك «بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى» ھېچقاچان ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىدىكى ئاساسلىق «سەۋەب» بولۇپ كەلگەن. راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنغان مەزگىللەردە شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» كۈرىشى راھىلەگە «بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتىنى ئارتىپ قويغان. نۆۋەتتە راھىلەگە ئوخشاش ئېغىر قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئاز دېگەندىمۇ 450 كىشىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى ئارخىپلىشىپ بولغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.