ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت 84 يېشىدا ۋاپات بولدى
2017.11.26
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسساملىق سەنئىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، بۇ ساھەدىكى يېتەكچى ئۇستاز، ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەت ئەپەندى 26-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە 84 يېشىدا ۋاپات بولغان.
غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا چۆمدۈرگەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، فەيسبوك ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غازى ئەمەتنىڭ ۋاپاتىغا بولغان تەزىيەلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن بىلدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى ھەم مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالاشتى.
غازى ئەمەتنىڭ تەرجىمىھالىغا ئائىت ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئۇ، 1933-يىلى، قەشقەردە تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ مائارىپ تەربىيىسىنى قەشقەر شەھىرىدە ئالغاندىن كېيىن، 1951-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1954-يىلى «شىنجاڭ ئىنستىتۇتى» نىڭ سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1957-يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
غازى ئەمەت ئاساسلىقى ماي بوياق رەسىملىرى ساھەسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ، خىتاي ماي بوياق رەسساملىقىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە بۇ ساھەدىكى تالانتى ھەم زور نەتىجىلىرى بىلەن خىتاي رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي دۆلەتلىك ماي بوياق رەسىملىرى ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئېرىشكەن.
كۆپ يىللار «شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى» نى باشقۇرغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان پروفېسسور غازى ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئېرىشكەن نام-شەرەپلىرى ھەم ئىمتىيازلىرىنىڭ ئۇنىڭ رەسساملىق ساھەسىدىكى يۇقىرى تالانتى ۋە زور شۆھرىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، تونۇلغان ئۇيغۇر كىنو رېژىسسورى، شائىر تاھىر ھامۇت ئەپەندى مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈپ؛ «ئۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر رەسساملىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان داڭلىق رەسسام. ئۇنىڭ رېئالىستىك ئۇسلۇبىدىكى نۇرغۇن رەسىملىرى ئۇيغۇر مىللىي ھاياتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بايانىغا ۋە تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى» دېدى.
تاھىر ھامۇت ئەپەندى غازى ئەمەتنىڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنى باشقۇرغان مەزگىلدە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر رەسساملىرى، مۇقامچىلىرى، مۇزىكانتلىرى ۋە باشقا ساھەدىكى سەنئەتكارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ھەم ئۇيغۇر سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتى ۋە قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
غازى ئەمەت ياراتقان 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك نامايەندىلەر - مەخمۇت قەشقەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پورترېتلىرى خەلقئارالىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ ياراتقان مەزكۇر ئىككى زاتنىڭ سۈرىتى كۆپ ئەللەردە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «مۇقام» ۋە باشقا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملىرى خەلقئارا خاراكتېرلىك قارشى ئېلىشقا ھەم مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان ئىدى.