خىتاينىڭ تەلىپىگە قارىماي، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خىتايدىن ئايرىلغان
2024.08.05
«دىپلومات» ژۇرنىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيە ئاۋىياتسىيە يولىنىڭ غەربتىكى نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە تاقىلىشى تۈپەيلىدىن ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىپ كەتكەچكە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ تەلىپىگە قارىماي خىتايدىن ئايرىلغان.
كوۋىد مەزگىلىدە، خىتايغا بارىدىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرگە قاتتىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك چەكلىمىلەر قويۇلغاچقا، خىتايغا بېرىپ-كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەنىدى. 2023-يىلى خىتاي ئۆز چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلغاندا، خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلغان؛ لېكىن خىتاينىڭ خىيالى ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاننى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتايدىن چېكىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھازىر خىتايدىن چېكىنىشنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرى خىتاينىڭ ئۆزىدىن بولغان بولسا، بىر قىسىم مۇھىم سەۋەبلەر خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى سەۋەبلەر ئەمەس ئىكەن. يەنى رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان دۇنيادىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىككى تەرەپكە ئايرىلغان. بىر تەرەپ، رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا رۇخسەت قىلىنغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئىكەن.
2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋىلادىمىر پۇتىن ھۆكۈمىتىگە جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، پۇتىنمۇ رۇسىيەگە جازا بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە جازا چەكلىمىسى قويغانىدى. بۇ ئەھۋال خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىن ئايرىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى بولغان. شەرقىي ئاسىيادىكى خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەتتە رۇسىيەدىن ئۇچىدىغان لىنىيەلەرنى ئىشلىتىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر تېخىمۇ ئۇزۇن لىنىيەگە ئايروپىلان سېلىشقا مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە ئايروپىلان بېلەتلىرى تېخىمۇ قىممەتلىشىپ كەتكەن.