خىتاي غەرب ئاخباراتلىرىنى «ئۇيغۇرلارغا يان باستى» دەپ ئەيىبلىدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن خەۋەرلەر غەرب ئاخباراتلىرىدا كۆپلەپ يەر ئالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى قايتىدىن غەرب دۇنياسىنى «قوش ئۆلچەم» مەسىلىسى بويىچە ئەيىبلىدى.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ «غەرب دۇنياسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتىدۇ» دەپ داۋا قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «ئۇلار ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ئۇيغۇرلارغا ياكى مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ھەرىكەت، دەپ تەشۋىق قىلماقتا» دېگەن. ھالبۇكى ئالاقىدار مەلۇماتلار ھەمدە كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھېچقانداق خىتاي ئاھالىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ 25-دېكابىر كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ «بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىمىزنى سىياسىيلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا قارا سۈركىشىگە قارشى تۇرىمىز» دېگەن. شۇنىڭدەك بۇنىڭدا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ياكى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دېگەندەك ناملاردا تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم غەرب سىياسىيونلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنى ئەپقاچتى گەپلەرگە ئىشەنگەنلىكتە تەنقىدلىگەن.

ئەمما ئۇيغۇرلار دىيارىدىن ئېلىنىۋاتقان بىرىنچى قول مەلۇماتلار ھەمدە بۇ جايلاردىكى لاگېرلاردىن چىققان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت بويىچە ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى، باستۇرۇش ۋە تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.