ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ، «غەرب چوقۇم خىتاينى مەغلۇپ قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئۇ، «خەۋەر ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزور ماقالىسىدە ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ 1967-يىلىدا قىلغان خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ تۇرۇپ، ئۇنى خەلقئارا سىستېمىغا بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى مەشھۇر چاقىرىقىنىڭ يېرىم ئەسىر بويىچە ئامېرىكانىڭ ۋە غەربنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ كۆز قاراشنىڭ خاتا بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
ئۇ ماقالىسىدە «ھازىرغا كەلگەندە خىتاينىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن. بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق. ئەگەر كوممۇنىست خىتاي غەلىبە قىلسا، بۇ غەربنىڭ چۆككەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.
گوردون چاڭ ماقالىسىدە راند تەتقىقات مەركىزى (RAND) نىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى سىكوت ھېرولدنىڭ ئۆزىگە دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ، «ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ خاتا بولۇشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دۈشمەنلىكى، رەھىمسىزلىكى ۋە ئىرادىسىنى تۈپتىن تۆۋەن مۆلچەرلىگەنلىكتىن كەپ چىققان» دېگەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كۈرىشىنى «ھايات-ماماتلىق كۈرەش» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ كۈرەشتە چوقۇم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك» دەپ يازغان.