غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ لوپنوردىكى لازېر قوراللىرى سىناق نۇقتىسىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتا

خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك يەنىمۇ كۈچىيىپ مېڭىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورلا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لوپنور رايونىغا جايلاشقان يادرو قوراللىرى سىناق نۇقتىسى يەنە بىر قېتىم ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ بازىدا لازېر قوراللىرى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىغا مەنسۇپ سۈنئىي ھەمراھلارغا «قارا قولى» نى سوزۇش ئېھتىماللىقى ئۇلارنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان.

«غەرب ئۆلچىمى» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىندا «يەر شارى مۇداپىئە تېخنولوگىيەسى» شىركىتى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، لوپنوردىكى لازېر قوراللىرى سىناق بازىسىدا چەت ئەل سۈنئىي ھەمراھلىرىنى لازىرلىق قوراللار ئارقىلىق نىشانغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ھەقتىكى سۈنئىي ھەمراھ مەلۇماتلىرى لوپنور تەۋەسىدىكى بۇ سىناق بازىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئېگىز ئاتموسفېرا بەلبېغىدىكى چەت ئەل سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ مەشغۇلاتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئۇلارنى گۆرۈگە ئېلىش بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان غەرب دۆلەتلىرىگە مەنسۇپ سۈنئىي ھەمراھلار ۋە شىركەتلەر ئارىسىدا ئېلون ماسك (Elon Musk) قا تەۋە «Space X» نىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. بۇ مەزگىللەردە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھلارمۇ مۇشۇ ئوربىتا تەۋەسىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى كاشىلىلارغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھازىرچە سىر بولۇپ قالغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى سۈنئىي ھەمراھلارغا كاشىلا پەيدا قىلىش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ 2023-يىلى ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇ خىل قىلمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق سۈنئىي ھەمراھلارنى كونترول قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى پالەچ قىلىپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئىستىخبارات ۋە رازۋېدكا خىزمەتلىرىنى ئاقسىتىپ قويۇشنى كۆزلىگەن» دېيىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كورلا شەھىرىنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدىغان لوپنۇر رايونىدىكى يادرو سىناق بازىسى 1996-يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ ئاساسلىق يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەنۋەر توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «مۇشۇ خىل يادرو قوراللىرى سىناقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاز دېگەندىمۇ 40 پىرسەنت يۇقىرىلاپ كەتتى» دېگەن ئىدى.