ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم غەربنىڭ ھەر ساھە زاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېخىمۇ كۆپ غەربلىكلەرنى ئۇيغۇر زىيارىتىدە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە نۇقتىلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي تاپمىغان ئەللەرنىڭ دىپلوماتلىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ھەم ژۇرنالىستلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا پىلانلىق زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ «نورمال» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەرب ئاخباراتى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر ساھە زاتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «تەڭرى تاغ» تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىنى يەتكۈزگەن. يىغىن «خەلقئارا سەھنىدە ئالماشتۇرۇشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئاكتىپ تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىدەك ئىجابىي ئوبرازىنى نامايان قىلىش» نى، شۇنداقلا مەزكۇر رايون ئۈچۈن «تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش» نى تەلەپ قىلغان.

شى جىنپىڭ 27-مارت ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ زور مەسىلىلەردە ئورتاق چىقىش نۇقتىسى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئۇچرىشىش خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى جىددىي تۆۋەنلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇشقا كىرىشكەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.