خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ 4-لىنىيەسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن

خىتاينىڭ 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۇنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنلەش ئېھتىياجىغا زىچ باغلايدىغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» تۇرۇبا يولىنىڭ، تۇرپاندىن نىڭشيانىڭ جوڭۋېي شەھىرىگە تۇتۇشىدىغان 4-لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكى، 29-سېنتەبىر كۈنى پۈتۈپ رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن. ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 1745 كىلومېتىر بولغان مەزكۇر 4-لىنىيە تۇرۇبا يولىنىڭ يىلىغا 15 مىليارد كۈپ مېتىر گاز يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 14-بەش يىللىق پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان مەزكۇر 4-لىنىيە تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتىدىغان قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 583 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرى، ئۇنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى لاگېر، تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن تېخىمۇ تېزلىتىلگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى نېفىت، تەبىئىي گاز بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇيغۇر ئېلى يەنە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شامال ئېنېرگىيەسى، كۈنتاختا ۋە يېشىل ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى ۋە كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان. بۇ تەرەققىيات كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىش ئەندىشىسىنى قوزغاپ، غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش سادالىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغانىدى. ئالاقىدار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» غا بىلدۈرۈشىچە، 4-لىنىيە تۇرۇبا يولىنى ياتقۇزۇشتا يەتتە يەر تەۋرەش بەلبېغىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە قېلىن ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك پولات تۇرۇبىسى ئىشلىتىلگەن. بىر ئەمەلدار «خىتاي خەۋەرلىرى» غا بۇ قۇرۇلۇش تۈرى تۇرۇبا لىنىيەسى بويىدىكى رايونلارنى پاكىز يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ، بۇ رايونلارنىڭ مۇھىتى ۋە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىغا بولغان تەسىرى ئەندىشىگە قوزغىماقتا.