خىتاي شاياردىكى «ئۈچقات» خارابىسىنىڭ ئەتراپىغا خەن سۇلالىسىنىڭ «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» نى ياساپ چىققان

خىتاي دائىرىلىرى ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شايار ناھىيەسى بىلەن توقسۇ ناھىيەسى تۇتىشىدىغان شايارنىڭ يېڭى مەھەللە بازىرىنىڭ شىمالىدىكى «ئۈچقات» قەدىمىي خارابىلىكىنىڭ ئەتراپىغا خىتاي تارىخىدىكى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاتالمىش «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» نى ياساپ، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر رايونىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، شاياردىكى ‍ئۈچقات قەدىمىي خارابىلىكىنىڭ ئەتراپىغا ئاتالمىش «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» بەرپا قىلىپ خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىشى دىققەت قوزغىدى.

ئاتالمىش مەزكۇر خەن سۇلالىسى «تۇتۇق مەھكىمىسى» شەھەرچىسى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىق بايرىمى كۈنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئالتۇن ساياھەت پەسلى» باشلانغان بىر ۋاقىتتا ساياھەتچىلەرگە ئېچىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچقات قەدىمىي خارابىلىكىنىڭ ئەتراپىغا ياسالغان بۇ قۇرۇلۇش 747 مو يەرنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي بىنا قۇرۇلۇشى 34 مىڭ كۋادرات مېتىر ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى خىتاي ئارخېئولوگلىرىنىڭ شايار يېڭى مەھەللە بازىرىدىكى ئۈچقات قەدىمكى خارابىلىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» نىڭ ئورنى، دەپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن ئۇيغۇر تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلار خىتاينىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى» تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق بىر ئەمەلىي ئورۇننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق بىر ئارخېئولوگىيەلىك ئىزنىڭ يوقلىغىنى قەيت قىلىپ كەلگەن. پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا قايتا باھا بېرىپ، تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىغا ئائىت «ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلار» نى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.