ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدىن خىتاي ۋە رۇسىيەگە سىگنال: «غەرب دۇنياسى تېخى ئۆلگىنى يوق»

غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى (G7) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئىتتىپاق ئۆزىنىڭ يېڭى دوستلىرىنى يېنىغا تارتىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ماي بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئامېرىكانىڭ غەرب دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن قايتىدىن مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورنىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. ئۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنك راب بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى چەكلەش ياكى خىتاينى بېسىشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس. ئەمما غەرب دۆلەتلىرى خەلقئارا تەرتىپنى قوغدايدۇ، خىتاي ۋە باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا يول قويمايدۇ».

خىتاينىڭ 40 يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشى، رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىپ غەربكە تەھدىت پەيدا قىلىشى ۋە بۇلارنىڭ 1991-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ سىياسىي ھادىسە بولۇپ قالغانلىقى بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى بولغان، مىنىستىرلار غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دومىنك راب مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى، ئىدىيە ۋە قىممەت قارىشى ئوخشاش دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ دۆلەتلەر بىرلەشكەندىلا يېتەرلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولالايدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ مۇقىم مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئەمما بۇ كۆپ ھاللاردا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ھەرىكىتىگە باغلىق.

يەتتە دۆلەت ئىتتىپاقى 1975-يىل قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان؛ بۇ قېتىملىق يىغىنغا يەنە يۇقىرىقى يەتتە دۆلەتتىن باشقا ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە كورېيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان.