بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرى ھۇجۇمنى «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي باياناتى» دەپ شەرھلىگەن.


خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇندىكى خەۋىرىدە، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمنى بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ پىلانلىغانلىقى، پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشقا جەمئىي 40 مىڭ يۈەن چىقىم قىلغانلىقى بىلدۈردى.

خەۋەردە، ھازىرغىچە تۇتۇلغان 8 ئادەمنىڭ پىچاق ۋە 400 لىتىر بېنزىن قاتارلىقلار بىلەن قوراللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقە ھەققىدىكى تەپسىلاتنى ئاشكارىلاشقا چاقىرىماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنى باياناتىدا ھۇجۇمنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتاشنى رەت قىلدى.