ئۇيغۇربىز تور بېتى ئاشكارىلىغان بىر تەشۋىقات ۋارىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا دىنىي پائالىيەتلەردە 10 غا رۇخسەت قىلماسلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.
بۇ 10 چەكلىمىنىڭ كۆپىنچىسى ساقال قويماسلىق، ھىجاپ كەيمەسلىك دېگەن ئوخشاش ئىلگىرى يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر بولۇپ، بۇلارغا يېڭىدىن قېتىلغىنى دىننى كومپيۇتېر ۋە قول تېلېفون ئارقىلىق تەشۋىق قىلماسلىق، چەتئەلنىڭ رادىئو، تېلىۋىزورلىرىنى ئاڭلىماسلىق، كۆرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى ماددىدۇر.
يىللاردىن بېرى،خالىسانە ئېچىلغان دىنىي مەكتەپ ۋە كىتاب، ماتېرىياللارنى كونترول ئاستىغا ئالغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمدىلىكتە قول تېلېفون ۋە كومپيۇتېرنى كونترول نىشانى قىلىشى، بولۇپمۇ قول تېلېفون ئارقىلىق دىنىي مەلۇماتلارنى ئالماشتۇرۇشنىمۇ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەرنى چەكلەشتە يېڭى قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىنىڭ بىشارىتى دەپ قارالماقتا. بۇ ھەقتە توربەتلەردە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ چەكلىمىلىرىنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىغا قارشى تۇرغانلىق ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ قارشى جەڭ ئېلان قىلغانلىق دەپ تەنقىد قىلىشماقتا.