جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10 - دېكابىر كۈنى غۇلجا ۋوگزالىدىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى يولغا چىققان.
خىتايدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە داغدۇغىلىق خەۋەر بېرىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىلى رايونىدىن ئىچكىي ئۆلكىلەرگە بىۋاستا قاتنايدىغان پويىز بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجىدىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 4742 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 55 سائەت 40 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ پويىز شاڭخەي ۋوگزالىغا يېتىپ بارغۇچە 6 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىكەن ۋە 32 چوڭ ۋوگزالدا توختاپ ئۆتىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى غۇلجىدىن شاڭخەيگىچە بولغان يېڭى لىنىيەنىڭ خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن پويىز لىنىيەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتايدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەڭ چوڭ شەھەر شاڭخەيدىن غۇلجا شەھىرىگە بىۋاسىتە يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈشىنى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىياغا يامرىشىنى تېزلىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.