ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى بۈگۈن، 1997-يىلىدىكى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى يۈز بەرگەن غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ ئورگاننىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان مەزكۇر باياناتتا، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرىكى 5-فېۋرالدا غۇلجا شەھىرى كوچىلىرىدا تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە باشقا ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنىڭ كەمسىتىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋەقە يۈز بەرگەن 20 يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىبلەشلەرنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.
باياناتتا ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تەشكىللىگەن زەھەرلىك چېكىملىك، ئىچىملىك ۋە باشقىلاردىن خالى بولۇشنى مەزمۇن قىلغان ئەنئەنىۋى مەشرەپ پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغانلىقى، نەتىجىدە، ياشلارنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى، ئەمما، بۇ نارازىلىقلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلغانلىقى ئەسلىتىلگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تىل ھوقۇقلىرى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى -تەرزگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىگە بولغان تىنچ نارازىلىق بىلدۈرۈشلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى 2004-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، تىل، مەتبۇئات ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى بويىچە بىر قىسىم دوكلاتلارنى تەييارلاپ ئېلان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.