5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىق خاتىرە كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىلدى


ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 18 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شۇ كۈنى ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئۈستىدىن دۆلەت زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئۇلار شۇنداقلا خانئېرىق، سېرىقبۇيا، ئېلىشقۇ ۋە ئالاقاغا ۋەقەلىرىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىپ، دۆلەت زوراۋانلىقى يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ساختا ھىكايىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى قانۇنلۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى غۇلجا ۋەقەسىدە نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە غايىب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، غۇلجا ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى بىر قارا داغ. ھۆكۈمەت ۋەقەگە ئائىت ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلماي تۇرۇپ، مۇقىملىق يارىتالمايدۇ، دېدى. ئۇ شۇنداقلا خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭ جاۋابىنى بېرىشكە قىستاشقا چاقىردى.

1997 - يىلى 5 - فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تولۇق قوراللانغان ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ قورالسىز ئاممىنى قاتتىق باستۇرغان ۋە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جىنىغا زامىن بولغان ئىدى.