«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار داۋام قىلماقتا

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 18 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى خىتايغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا.

بۇ يىل 5-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 18 يىللىقىنى خاتىرىلەپ كەينى-كەينىدىن نامايىشلار ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ھەققىدە تارىخىي ئەسلىمە، بايانات ۋە بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈنۈگۈن، يەنى 8-فېۋرال كۈنى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى «ئالپئەرەن ئوچاقلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن سۇلتان ئەھمەد جامەسى ئالدىدىكى مەيداندا مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىش «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ، خەۋىرىڭ بارمۇ!؟» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن.