خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 1-سېنتەبىر كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەن جەن قاتارلىق تەيۋەن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، بۇنىڭ مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ليەن جيەننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى تەيۋەندىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە خەلقئارا تارتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىدا 1-سېنتەبىر كۈنى «ليەن بوۋاينىڭ پاراتنى كۆرۈشى ۋە گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى بۆلۈنۈش» ناملىق خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىندى. خەۋەر ئانالىزىدا، «ما يىڭجۇ قاتارلىق تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقاندا، 2005-يىلى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋەزىپىلىرىدە بولغان ليەن جەننىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئۆتكۈزگەن ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى، خىتاي كومپارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. ما يىڭجۇ قاتارلىق گومىنداڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى نارازى قىلدى، گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدىكى بۆلۈنۈشنى ئىپادىلىدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، تەيۋەن «فېڭچۈەن ئاگېنتلىقى» نىڭ يازارى شيا جېنىنىڭ «گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەن جەن بەلكىم بۇ زىيارىتى ئارقىلىق تارىختا ئۆز نامىنى قالدۇرۇشنى ئويلىغان بولسا كېرەك. ئەمما دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىككە كېلىشىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەر. ئەگەر ليەن جەن تېخىمۇ دادىللىق بىلەن تەيۋەننىڭ قىممەت قارىشىنى بېيجىڭغا بىلدۈرگەن ۋە بۇ قاراشلارنى كومپارتىيىنىڭ قانۇن سىستېمىسىغا كىرگۈزگەن بولسا، بۇ زىيارەتنىڭ ھەقىقىي تارىخى ئەھمىيىتى بولغان بولاتتى» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان.