گوگۇل شىركىتى خىتاينى پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

گوگۇل شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئېرىك سىچمىدت 4-نويابىر دۈشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاينى پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
‏-مەن شۇنى كۈچلۈك تەكىتلەيمەنكى، ھەر بىر ئادەم ئەركىن پىكىر قىلىش ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. گوگۇل شىركىتى يەنە ئىنتېرنېت ئەركىن بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىنتېرنېتتا تارقىتىلغان ئىغۋانىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىلىشى 500 قېتىمغا يەتسىلا قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەننى ئۇقتۇردى. ئەگەر سىز ئۆز يازمىڭىزنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرسىڭىز، ئەلۋەتتە قاتتىق بىئارام بولىسىز. بۇ بىر مەسىلە.

گوگۇل شىركىتى دىرېكتورى ئېرىك دۈشەنبە كۈنى يەنە ۋالل سترېت ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدىمۇ، خىتايدىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگەرتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

گوگۇل شىركىتى 21-ئۆكتەبىر كۈنى نيۇيورك شەھىرىدە بايانات بېرىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان پروجەچت شىەلد يەنى «قالقان پىلانى» ناملىق قوغداش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق، تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئاخبارات ئورگانلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ سىستېمىنىڭ چەكلەنگەن تور بېكەتلىرىگە كىرىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.