گورباچېۋ - ناتونى رۇسىيەگە قارشى «قىزىق» ئۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخايىل گورباچېۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتونى رۇسىيەگە قارشى «قىزىق» ئۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئى رۇسىيەدىن چىقىدىغان ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىدا 9 - ئىيۇل خەۋەر قىلىنغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە گورباچېۋ مۇنداق دېگەن: «ناتو سوغۇق ئۇرۇشنى قىزىق ئۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھازىرلىقلارنى باشلىۋەتتى.»

رۇسىيە 2014 - يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى قانۇنسىز بېسىۋالغاندىن كېيىن غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيە ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغان ۋە ناتو شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

جۈمە كۈنى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر رەھبەرلىرى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا ئۇچراشقان ۋە رۇسىيەنىڭ شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتكە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

جۈمە كۈنى ناتو نىڭ باش سېكرېتارى جەنس ستولتېنبېرگ: «بىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە مۇداپىئە ۋە توسۇش ئىقتىدارىمىزنى ئىسلاھ قىلىش ۋە كۈچەيتىش ھەرىكىتى باشلىدۇق» دېگەن ئىدى.

گورباچېۋنىڭ يۇقىرى سۆزلىرى ناتو ۋارشاۋادىكى يېغىدا شەرقىي ياۋروپاغا كۆپ مىقدارنى ئەسكەر يۆتكەش قارارلاشتۇرۇلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئۇ ناتو رەھبەرلىرىنىڭ پەقەت مۇداپىئە ھەققىدىلا سۆزلىگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىر ھۇجۇم ھەرىكىتىگە تەييارگەرلىك كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، مۇنداق دېگەن: ۋارشاۋادىن كېلىۋاتقان رىتورىك خىتابى ئەمەلىيەتتە رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش ساداسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

ھالبۇكى، ناتو دائىرىلىرى شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ پەقەت مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ رۇسىيە بىلەن توقۇنۇشنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنى رۇسىيە قوبۇل قىلمىغان.