پالاۋ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى چارشەنبە كۈنى يېقىندا يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئادىل نۇرىنىڭ تۈركىيىگە يەرلىشىپ بولغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئادىل نۇرى 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى-پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە يەرلەشتۈرۈلگەن 6 ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر خەۋەردە ئادىل نۇرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋەردار بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پالۋاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دائىرىلىرىگە ئۇچۇر يوللاپ، ئادىل نۇرىنىڭ پالاۋدىن كېتىش يولىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تورىبئوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادىل نۇرى تورىبئوڭنىڭ پرېزىدېنتلىق مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا پالاۋدىن ئايرىلغان ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى نويابىردىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتتۇرۇپ قويغان سابىق پرېزىدېنت تورىبئوڭ: مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىدىم ۋە ۋەزىپەم ئاخىرلىشىش ئالدىدا بولسىمۇ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك بىر تۇرالغۇ تېپىپ بېرەلمىدىم دەپ قارايمەن، دېگەن.
ئامېرىكا ئەينى چاغدا مەزكۇر 6 ئۇيغۇرنى پالاۋغا ۋاقىتلىق يەرلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.