تەيۋەندە گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى فىلىم كۆرسىتىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.09.21

22-سېنتەبىر، يەنى جۈمە كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىشلەنگەن «گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار: بىمەنىلىك تۇتقۇنلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىدىكەن.

بۇ فىلىم تەيۋەندە 9-ئاينىڭ بېشىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 2017-يىللىق «يايلاق مەدەنىيىتى فىلىم فېستىۋالى» دا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر فىلىمدا ئەينى دەۋردىكى دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش دولقۇنى سەۋەبلىك بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەر يورۇتۇلغان بولۇپ، مەزكۇر فىلىم گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىۋاسىتە زىيارەت خاتىرىلىرى ۋە نەق مەيدان ھۆججەتلىك ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىشلەنگەن.

رېژىسسور، مەزكۇر فىلىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى، گەرچە ئۇلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇلارنى داۋاملىق ھالدا «تېررورچى» دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى جانلىق ۋە ھۆججەتلىك پاكىتلار بىلەن بايان قىلغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قىلىپ يورۇتۇپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىلىمنىڭ تەيۋەندىكى قويۇلۇش مۇراسىمىغا گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا تەرجىمانلىق قىلغان ھەم شۇنداقلا ھۆججەتلىك فىلىمدىكى ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولغان روشەن ئابباس خانىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن. بۇ فىلىم ئىلگىرى كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى فىلىم فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، خېلى زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.