ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يېقىندا ئۆزىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قۇتقۇزىدىغان «دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى» پروگراممىسىنى يولغا قويغان ئىدى. مەزكۇر كومىتېت جۈمە كۈنى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قۇتقۇزىدىغان «دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرى»نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىككە دەسلەپكى قەدەمدە 11 كىشى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2009-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ژۇرنالىست، يازغۇچى، تور پائالىيەتچىسى گۈلمىرە ئىمىن بۇ تىزىملىكتىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر. بۇ تىزىملىكتىكى خىتايغا ئالاقىدار مەھبۇسلار ئىككى نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرى، 1995-يىلى دالاي لاما تىبەتنىڭ 2- روھانىي رەھبىرى، دەپ ئېلان قىلغان 11- بەنچەن لاما. ئۇ 1995 -يىلى 6 ياش ۋاقتىدا يوقاپ كەتكەندىن بېرى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز - دېرىكى بولمىغان.
سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خادىمى بولغان گۈلمىرە ئىمىن 2009-يىلى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دە قولغا ئېلىنغان. دائىرىلەر ئۇنىڭغا بۆلگۈنچىلىك قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، قانۇنسىز نامايىش تەشكىللەش دىگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، كومىتېت ئەزاسى جون لوسكېي دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش پروگراممىسىنى تونۇشتۇرۇپ، «بىز بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز. سۈكۈتنىڭ دىنىي ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ھېچقانداق پايدىسى يوق. سۈكۈت پەقەت دىكتاتۇر ھاكىمىيەتلەرگە پايدىلىق» دېگەن.