ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغىدى.
3-فېۋرال خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تورىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇرنى يالغان سۆزلىتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولغان. سۆزلىگۈچىلەر ئىچىدە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گۇلنار ئوبۇلمۇ بار بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ 2018-يىل 9-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەنگەنىدى. بۇ خەۋەر چىققاندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى گۇلنار ئوبۇلنى قويۇپ بەرگەن، ھەتتا ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىپ ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن پايدىللىنىپ كەلگەن. 2019-يىل 14-فېۋرال كۈنى گۇلنار ئوبۇلنىڭ بىر باياناتى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان. بۇ باياناتتىمۇ گۇلنار ئوبۇل «بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەسى» نى تارقىتىشقا ئۇرۇنغان دىنىي زاتلار ۋە زىيالىيلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
بۇ قېتىمقى باياناتىدا گۇلنار ئوبۇل ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىش بىلەنلا قالماي، «مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن، ئۇلارنىڭ مېنىڭ نامىم ۋە سۈرىتىمدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ئالدىمىسۇن، ماڭا، ئائىلەمگە ۋە دۆلىتىمگە زىيانكەشلىك قىلمىسۇن؛ بولمىسا مەن قانۇنىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئابرۇيى ۋە دۆلەتنىڭ ھۆرمىتىنى قوغدايمەن،» دەپ بايانات بەرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەر قېتىم خەلقئارادا كۈچلۈك بىر دولقۇن پەيدا قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن بەزىلىرى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنى بايانات ئېلان قىلىشقا قىستاپ كەلگەن. ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىمقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مايك پامپېيونى تىللاش ھەرىكىتى قوزغاپلا قالماي، چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى چاقىرىپ، بىر نەچچە تەشۋىقات قۇربانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كونا تەشۋىقات ئويۇنلىرىنى ئويناشقا باشلىغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە بېكىتىلگەن جىنايەتتىن نەقەدەر غەزەبلەنگەنلىكى ۋە خەلقئارادا سېسىق نامىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن نەقەدەر قورققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.