ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر سۆز-چۆچەكلەر تارقالماقتا


بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن گۈلنارە كەرىموۋا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بويىچە ئەڭ باي ئايال بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى، دىكتاتور ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان گۈلنارە كەرىموۋا ئاخبارات ساھەسىگە بىر مىلياردېر، داڭلىق مودېل ۋە ناخشا چولپىنى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، تاكى 2013-يىلىغىچە كىشىلەر ئۇنى كەرىموفنىڭ تەبىئىي تەخت ۋارىسى دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى.

ھالبۇكى، 2013-يىلى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۇيۇقسىز بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭ تاشكەنتتە نەزەربەنت قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

كەرىموف ئۆلۈپ ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتمىگەن بۈگۈنكى كۈندە مىلياردېر گۈلنارە كەرىموۋانىڭ تاشكەنتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر سۆز-چۆچەكلەر تارقالماقتا.

«كۈندىلىك پوچتا» گېزىتى 22-نويابىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، مىلياردېر گۈلنارە كەرىموۋانىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان نەزەربەنتتە تۇرغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېقىندا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرنى تېخىچە دېلىللىيەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بەزى مەنبەلەردە گۈلنارە كەرىموۋانىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى تاشكەنتتىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، بەزى مەنبەلەر ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئۇنىڭ ھەتتا بۇ يىل سېنتەبىردە دادىسى كەرىموفنىڭ سەمەرقەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن جىنازا مۇراسىمىدىمۇ كۆرۈنمەسلىكى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر ئاممىۋىي خەۋەر تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، ئۆزبېك ئىستىغباراتىدا ئىشلەيدىغان خادىملار گۈلنارە كەرىموۋانىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تاشكەنتتە ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسلام بىلەن قىزى ئىماننىڭ جان قايغۇسىدا قېلىپ تاشكەنتتىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەردە گۈلنارە كەرىموۋانىڭ ئۆلگەنلىكى راست بولىدىغان بولسا، بۇنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى، ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن تاشكەنتتە يۈز بېرىۋاتقان ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا ھازىرقى ۋاقىتلىق ھۆكۈمدار شەۋكەت مىرزايېفنىڭ قولى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

2010-يىلى گېرمانىيەدە چىقىدىغان «شىپىگىل» (ئەينەك) ژۇرنىلى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ 457 مىليۇن پوند-ستېرلىڭ پۇلى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، شىۋېتسارىيە مەنبەلىرى ئۇنىڭ جەمئىي 615 مىليۇن پوند-ستېرلىڭ پۇلنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.