ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندا ئەنە شۇ پاجىئەلەرنىڭ مىليونلىغان قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەمدە 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادىكى پەرزەنتى زىبا مۇرات ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ 20-يانۋار كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى خۇسۇسىي مەكتۇپىنى تاپشۇرۇۋالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەكتۇپ زىبا مۇراتنىڭ بۇنىڭدىن بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى يازغان خېتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەن. مەكتۇپنىڭ تولۇق تېكىستى تىۋېتتىر بېتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپ قېتىملاپ ھەمبەھىرلەنگەن.
ماياك پومپيو بۇ مەكتۇپتا ئۆزىنىڭ گۈلشەن ئابباسقا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن بىرگە لاگېرلارغا قامىلىپ كەتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك داۋاملىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنىڭ ئىزدەك-سورىقىنى قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن توسۇپ قېلىش قاتارلىق ساھەلەردە بوشاشماستىن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە زىبا مۇرات ۋە ئۇنىڭغا ئوخشىغان كۆپلىگەن شەخسلەرنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىش ھەمدە زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا جۈرئەت قىلىشتەك روھىغا ئاپىرىن ئوقۇغان.
گۈلشەن ئابباسنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەكتۇپتىن بەكمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەقىقەتنى ياقلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.