2016 يىلى 9-ئايدا گۇمادا يۈز بەرگەن بىر بومبا پارتلاش ۋەقەسىدە پارتلاپ ئۆلگەن، ئەينى چاغدىكى گۇما ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت خىتاي بويىچە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان «دۆلەت شەرىپى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، «خەلق قەھرىمانى» نامىغا ئېرىشكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، خىتاينىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى تەقدىرلەش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم «دۆلەت ئوردىنى» ۋە «دۆلەت شەرىپى» مۇكاپاتى تارقاتقان.
بۇ ھەقتىكى خەۋەردە غەيرەت مامۇتنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى بىر «ئا» دەرىجىلىك قاچقۇننى قوغلاۋاتقاندا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ «قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى» قەيت قىلىنغان.
ھالبۇكى، رادىيومىز ئەينى چاغدا گۇمادا يۈز بەرگەن بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا ناھايىتى تەپسىلىي خەۋەر قىلغان. رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا مەزكۇر ۋەقەنىڭ گۇمانىڭ كۆكتېرەك يېزا 23-كەنتىدە يۈز بەرگەنلىكى، شۇ كۈنى غەيرەت مامۇتنىڭ ئىدارىدىكى بىر خىتاي ساقچى ئىشقا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئائىلە تەكشۈرۈشىگە چىققانلىقى ۋە تۇيۇقسىز بايقالغان بىر گۇمانلىق ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئۆينىڭ گەمىسىگە چۈشكەندە بومبا پارتلاپ كېتىپ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، غەيرەت مامۇتنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دىققەت قوزغايدىغىنى، غەيرەت مامۇت يەنە خىتاي بويىچە «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» ناملىق مۇكاپاتقىمۇ نامزات كۆرسىتىلگەن. پۈتۈن خىتاي بويىچە 278 شەخس نامزات كۆرسىتىلگەن بۇ مۇكاپاتقا ئۇيغۇر ئېلىدىن 10 كىشى نامزات كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار پارتلاپ ئۆلگەن ساقچى غەيرەت مامۇت، ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيەلىگەن قۇربان نىياز ۋە 1950-يىللاردا ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن قۇربان تۇلۇمدىن ئىبارەت ئىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى مېداللارغا خىتاي تەتقىقاتچىلار، پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىر قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي تەشۋىقات ماتېرىيالى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاللىنىشى دىققەت قوزغايدىغان سېلىشتۇرما ئىكەن.