گومىنداڭ پەخرىي رەئىسى يەنە خىتاينى زىيارىتىنى باشلىدى

تەيۋەندىكى ھاكىمىيەت باشقۇرۇۋاتقان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى ليەنجەن يەنە بىر قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى.

ليەنجەن ئۆزى بىلەن بىرگە ھەر ساھەگە تەۋە ئاتاقلىق ئەربابلاردىن 30 نەچچە كىشىدىن مەخسۇس ئۆمەك تەشكىللەپ، بېيجىڭغا ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۈچ كۈن رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ليەنجەن بۇ قېتىم بېيجىڭدا ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدىكەن، ئەڭ مۇھىم كۆرۈشۈش خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان كۆرۈشىشتۇر.

ليەنجەننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى خىتاي كومپارتىيىسى 18 - قۇرۇلتىيى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلغان پەيتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بەلكى بۇ سەپەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تەيۋەن گومىنداڭ تەرەپنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ليەنجەن 2005 - يىلى، تۇنجى قېتىم بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان ئىدى.