تۈركىيە ساباھ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇل ئەلچىخانىسى سەيشەنبە كۈنى بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۈركىيەدە تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەلچىخانا بۇ يىغىنىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەك تونۇلۇپ كەتمىگەن دىلمۇرات ئۆمەر ئىسىملىك بىرىنى ئۈرۈمچى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ۋە ئۇنى ئۇيغۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەن.
دىلمۇرات ئۆمەر ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانچە سەزگۈر ئىسىملارنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ھەققىدىكى دۇنيادا تارقالغان ئۇچۇرلارنىڭ يالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى مۆتىۋەر بىر خەلىپىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنى خەلقئارا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇشقا تەشكىللەپ كەلگەن؛ بۇ قېتىم ئاتالمىش تەتقىقاتچى دىلمۇرات ئۆمەرنىڭ چېگرا ئاتلاپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى يەنى ئاخبارات يىغىنىغا قاتنىشىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەلقئارا تەشۋىقاتىدا يېڭى بىر يولنىڭ باشلانغۇچى بولۇشى مۇمكىن.
