ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 2-سېنتەبىر چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«خىتاينىڭ خرىستىئان ۋە باشقا دىنىي ئېتىقادلارغا قارشى ئۇرۇشى» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئافرىقا، يەرشارى سالامەتلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئىشلار شۆبە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان.

يىغىندا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، شۆبە كومىتېتى رەئىسى كرىستوفىر سىمىت سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئىنجىلنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقى، كۈندىلىك دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز، دەپ چەكلىگەنلىكى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاقنى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا ئىكەن. ئۇ «جۇڭگو چۈشى» نىڭ قاباھەتكە ئايلانغانلىقى، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇشى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تەنزېن دورجى گۇۋاھلىق بېرىپ، دىنغا قارشى تۇرۇش تىلغا ئېلىنسا، «بېيجىڭنىڭ ئىسلامنى جىنايەتلەشتۈرۈشى ئەسكە كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى، بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى مەنئى قىلىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا «دىنىي ئەركىنلىك ئىنستىتۇتى» نىڭ رەئىسى توماس فار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمانلارغا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇنىڭ مەقسىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقىتىشتۇر. بىراق ئۇ بۇ قېتىم بۇنى قىزىل قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاشكارا زوراۋانلىقى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ستالىن دەۋرىدىكىدەك قەرەللىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى قايتا قايتا-تەربىيەلەشكە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش يولىنى تاللىۋالغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە چاقىرغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك 2‏-قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر.